خۇ جىنتاۋ ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلى ۋەكىللىرىگە قوش تىللىق مائارىپنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى

خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بېيجىڭدا ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا، قوش تىللىق مائارىپنى كۈچەيتىشنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئۇنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىشىچە، خۇ جىنتاۋ شىنجاڭدا يەنىمۇ كۆپ قوش تىللىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش زۆرۈر، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىنى كېڭەيتىش، قوش تىللىق مائارىپ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك " دېگەن.

ۋەكىللەر خۇ جىنتاۋنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق مائارىپنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى سۆزلىرىدىن كېيىن، مەخسۇس مۇزاكىرە ئويۇشتۇرغان بولۇپ، ۋەكىللەر قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىنى ئاساس قىلىدىغان بىر تىللىق مائارىپ بولۇپ قالغانلىقىنى تىلغا ئېلىشقا جاسارەت كۆرسىتەلمىگەن. بەزى ۋەكىللەر گەرچە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مائارىپى قوش تىللاشتۇرۇشقا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى كەمچىل بولۇش شۇنداقلا قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن بولۇشىدەك ئامىللارنىڭ، قوش تىللىق مائارىپ سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق مائارىپنى كۈچەيتىشتە -2004 - يىلىدىن باشلاپ3791 نەپەر ئوتتۇرا ‏باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوش تىللىق كۇرسلاردا تەربىيىلىگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ ساھەسىدە يەنىلا ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشى يىراق ئىكەن.

بەزى ۋەكىللەر، ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان نامرات رايونلارغا قوش تىل ئوقۇتقۇچىلارنى يەتكۈزۈپ بېرىش، تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش ھەمدە جاپالىق رايونلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا ياخشى شارائىت ھەم ئىمتىيازلارنى بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى پېشقەدەم تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلارنى قوش تىلدا دەرس ئۆتەلمەيدۇ دېگەن باھانە ھەم تۈرلۈك ئېمتىھان ئۆتكەللەر بىلەن شاللاۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى بىر قانچە يىلدا شۇ سەۋەبلىك مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ئېغىر بولماقتا ئىكەن. ئەكسىچە"ئۇيغۇر ئېلى قوش تىل مائارىپىغا ياردەم بەرگۈچى پىداكارلار"دېگەن نام بىلەن،خىزمەت كۈتۈپ تۇرغان خىتايلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچىلىققا پىلانلىق يۆتكىمەكتە ئىكەن. (گۈلچېھرە)