ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرى چەتئەللەرنى جەلپ قىلماقتا

بۇ يىل 16 - ئاپرىلدىن يىل ئاخىرىغىچە ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان " يېڭى يىپەك يولى مەدەنىي يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى" نىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاياقلاشقان.

ئۇيغۇر ئىلىدىكى خەۋەر تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر كۆرگەزمە بۇ رايوننىڭ بۇ يىل چەتئەللەر بىلەن ئىلىپ بارىدىغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇيغۇر ئىلىدىكى تېلېۋىزىيە تارماقلىرى بېيجىڭدىكى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھەمدە ياپونىيىنىڭ ن خ ك شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ "يېڭى يىپەك يولى" ناملىق چوڭ ھەجىملىك فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتىنى تاماملىغان. شۇنداقلا بۇ فىلىمنىڭ 1 – قىسمى، ياپونىيىدە تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.

ئۇندىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىيەت تارماقلىرى گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مۇناسىۋەتلىك ساھەلەر بىلەن ئاسارە - ئەتىقىلەرنى قوغداش ۋە كۆرگەزمە قىلىش ھەققىدە كۆپلىگەن كېلىشىم ھەمدە باياننامىلارنى ئىمزالىغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل كۆرگەزمىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت پاكىتلارنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. (ئىلتەبىر)