دەندەن ئۆيلۈكتىكى قەدىمقى تام رەسىملىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

1400 يىللىق تارىخقا ئىگە خوتەننىڭ دەندەن ئۆيلۈكتىكى قەدىمقى تام رەسىملىرىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى خىتاي ۋە ياپونىيىلىك مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن تاماملاندى. بۇ تام رەسىملىرى دەندەن ئۆيلۈكتىكى بىر بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىلىقىدىن تېپىلغان ۋە بۇددا رىۋايەتلىرىنى تېما قىلىپ لاي تامغا سىزىلغان.

مۇتەخەسسىسلەر 2 يىللىق پىلان بويىچە، 2002 - يىلى 10 - ئايدا ياپونىيە - خىتاي ئارخېئولوگلىرى تەرىپىدىن تېپىلغان بۇ ئىبادەتخانىغا ئائىت 300 پارچە رەسىمنى قۇراشتۇرۇپ چىقتى. دەندەن ئۆيلۈكتىكى تام رەسىملىرى 7 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا سىزىلغان، دەپ قارالماقتا.

تام رەسىملەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم رەسىملەر ئوغرىلاپ كېتىلگەن ياكى 1920 - يىللاردا شۋېتسىيىلىك ساياھەتچىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن. يېقىنقى يىللاردا تەكلىماكاندىكى قەدىمقى قەبرە ۋە خارابىلارنى قېزىپ، مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئوغرىلاش ئەتكەسچىلەرنى قىزىقتۇرىدىغان باي بولۇش يولى بولۇپ قالغان.

تام رەسىملىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى ياپونىيە بۇددىزم ئۇنىۋېرسىتىتى، شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە ئىنىستىتۇتى ۋەجۇڭگو دۆلەتلىك مۇزىيىدىن بارغان 20 نەپەر مۇتەخەسسىس تەرىپىدىن تاماملانغان. مۇتەخەسسىسلەر دەندەن ئۆيلۈك ئىبادەتخانىسىدىكى 10 كۋادىرات مېتىر تام رەسىمىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

دەندەن ئۆيلۈكتىكى بۇددا خارابىسى شۋېتسىيىلىك ساياھەتچى سۋېن ھىددېن تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم 1896 - يىلى بايقالغان ۋە شۇ دەۋرگە ئائىت بىر قىسىم رەسىملەر سۋېن ھىددېن تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن ھەمدە ھازىر لوندوندىكى برىتانىيە مۇزىيى، بېرلىن مۇزىيلىرىدا ساقلانماقتا. (ئەركىن)