نىلقا ناھىيىسىدە 3000 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە قەبرىستانلىق بايقالدى


2006-11-09
Share

ئىلى ئوبلاستىنىڭ نىلقا ناھىيىسى قۇجۇرتاي يېزىسىدا 3000 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە قەبرىستانلىق بايقالدى.

يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ۋە ئىلى ئوبلاستلىق مەدەنىي مىراسلار تەتقىقات ئورنى بىرلىكتە نىلقا ناھىيىسىگە قاراشلىق قۇجۇرتاي يېزىسىدا 600 دىن ئارتۇق قەدىمىي قەبرە ئۈستىدە ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بارغان. ئارخېئولوگلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر - بىرىگە ناھايىتى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇنداق كۆپ قەبرە توپى ، ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان قەدىمىي يادىكارلىقلار ئىچىدە ئاز ئۇچرايدىكەن.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۈر قەبرىلەر 2500 يىلدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى دەۋىرگە مەنسۇپ بولۇپ، مىس قوراللار دەۋرى ھەتتا يېڭى تاش قوراللىرى دەۋرىگە ئائىت بولۇشى مۇمكىن .

خىتاي خەۋەر ئاگېتلىىقنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، قۇجۇرتاي يېزىسىدا تېپىلغان قەدىمىي قەبرىلەرنى تەتقىق قىلىش، ئاسىيا - ياۋرۇپا يايلاقلىرىدىكى قەدىمىي مەدەنيەت تەتقىقاتى ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىكەن. خىتاينىڭ ۋە چەتئەللىكلەرنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرىدا ساكلارنىڭ ئەڭ بۇرۇن مەزكۈر رايوندا ياشىغانلىقى ئىسپاتلانغان بولۇپ، بۇ قېتىم قۇجۇرتاي يېزىسىدىكى قەبرىلەردىن تېپىلغان بۇيۇملار بىلەن ئىلىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ساكلارغا ئائىت بۇيۇملار بىر - بىرىگە تامامەن ئوخشايدىكەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئارخېئولوگلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئارخېئولوگلىرىنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان قەدىمىي يادىكارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بىۋاستە مۇناسىىۋەتلىك بولۇپ چىقىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، تارىخى يادىكارلىقلارنىڭ كۆپىنچىسىنى باشقا قەدىمىي مىللەتلەرگە ئائىت دەپ ساختا خۇلاسە چىقىرىدىغان ئادەتلىرى بار ئىكەن. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت