خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى


2007-05-09
Share

خىتاي ھۆكۈمىتى 5 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 'مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى' نى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. 'خىتاينىڭ شىنجاڭ گېزىتى'دە بايان قىلىنىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئىشى رەسمىي قانۇن دەۋرىگە قەدەم قويغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 58 ئورۇندا دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان، 263 ئورۇندا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان، 2000 دىن ئارتۇق ئورۇندا ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق بار. ھازىر ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان قانۇن بۇيىچە بۇنىڭدىن كېيىن، ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلمىگەن مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىغا خالىغانچە كىرىش مەنئىي قىلىنىدۇ.

ساياھەت ئارقىلىق پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلغان ئۆمەك ياكى شەخسىيلەردىن بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارغا، ئەھۋالغا قاراپ 5 مىڭ يۇەندىن 20 مىڭ يۇەنگىچە، ھەتتا 100 مىڭ يۇەنگىچە جەرىمانە قويۇلىدىكەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كروران شەھىرى، نىيا شەھىرى قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر تارىخى مەدەنىيەت ئىزلىرى ساياھەت، ئېكىسپېدىيە نامىدىكى ھەرخىل تەشكىلات ۋە شەخسىيلەرنىڭ ئۆز مەيلىچە كېرىش، ھەتتا قېزىش ئېلىپ بېرىشى ئارقىلىق چوڭ بۇلاڭ-تالاڭ ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپلا قالماستىن، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخى ئېغىر دەرىجىدە بۇرمىلىنىپ كەلمەكتە. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت