ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تېكەس ناھىيىسىدە بىر قەدىمىي شەھەر بايقالدى


2006.08.15
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقى 15 ‏- ئاۋغۇست كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاسارە ئەتىقىلەر تەتقىقات مەركىزى مۈتەخەسسىسلىرىنىڭ ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تېكەس ناھىيىسىنىڭ ، بوستان كەنتىدە بىر قەدىمىي شەھەر بايقىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاسارە - ئەتىقىلەرنى تەتقىق قىلىش پرىنسىپىغا ئاساسەن مەزكۈر جايغا بوستان قەدىمى شەھىرى دىگەن نام بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بوستان كەنتىدە بايقالغان قەدىمى شەھەر تېمىنىڭ بىر قىسمى ياخشى ساقلانغان بولۇپ، قەدىمى شەھەرنىڭ شىمالي قىسمىدىكى تامنىڭ ئۇزۇنلىقى 206 مېتىر، غەرب تەرەپتىكى تېمىنىڭ ئۇزۇنلىقى 162 مېتىر ، شەرقىگە توغرا كېلىدىغان تېمىنىڭ ھازىر ساقلىنىپ قالغان ئىگىزلىكى 2 مېىتىرغا توغرا كېلىدىكەن. ، بۇ جايدىن يەنە قىزىل ساپال قاچىلار، ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرى، شۇنىڭدەك چىرىگەن ياغاچ پارچىلىرى چىققان. قەدىمىي شەھەر تېمىنىڭ قالغان قسىملىرى بولسا ، 1968 ‏- يىلى دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ ئىشلىرى سەۋەبىدىن تۈزلىۋىتىلگەن ئىكەن.

بىراق، ئامېرىكىدىكى ئاسارە- ئەتىقە مۈتەخەسسىسلىرى مەزكۈر قەدىمى شەھەر، دېھقانلارنىڭ يەر تېرىشى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ، ماۋ زېدوڭ قوزغىغان مەدەنيەت ئىنقىلابى دەۋرىدە بۇزىۋىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

خەۋەردە يەنە، خىتاي ئاسارە - ئەتىقە پروفېسسورى لۈ ئېنگونىڭ، مەزكۈر قەدىمىي شەھەر تاڭ دەۋرىگە ئائىت ، مەزكۈر قەدىمىي شەھەرنىڭ تۈركىي مىللەتلەر بىلەن ئالاقسىى يوق دەپ كۆرسەتكەنلىكى قەيت قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاسارە - ئەتىقە مۈتەخەسسىسلىرى ، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەدىمىي ئىزنالىرىنى قەستەن بۇرمىلاپ يوق قىلىش سۈيقەستىدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت