خىتاينىڭ بىر تور بېتى لوپنۇردىكى يادرو سىناقلىرىدا 750 مىڭ ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

خىتاي دېموكراتلار تەرىپىدىن چەتئەلدە ئىنتېرنېت ئارقىلىق تارقىتىلىدىغان "چوڭ پايدىلىنىش" گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى 1964 - يىلدىن باشلاپ لوپنۇردا ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان يادرو سىناقلاردا، يەرلىك ئۇيغۇرلار ۋە يادرو قوراللار سىنىقىغا قاتناشقان ھەربىي خادىملار بولۇپ جەمئىي 750 مىڭ ئادەم، رادىئاكتىپلىق زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن ئۆلگەن.

"چوڭ پايدىلىنىش" گېزىتىنىڭ تەكىتلىشىچە، رادىئاكتىپلىق زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن ئۆلگەن يەرلىك پۇقرالارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبىنى بىلەلمەي بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان.

خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى لوپنۇردا 3 - قېتىملىق ئاتوم سىنىقىنى ھاۋا بوشلۇقىدا ئېلىپ بارغان بولۇپ، سىناققا خىتاينىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جاڭ ئەيپىڭ يىتەكچىلىك قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى 1996 - يىلغىچە لوپنۇر رايونىدا يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بولۇپ جەمئىي 47 قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بارىدى.

"چوڭ پايدىلىنىش" نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دائىرىلەر 3 - قېتىم سىناق ئېلىپ بارغاندا يادرو بومبىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن، پىيادە قىسىملار ۋە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنى يادرو پارتلاش رايونىغا كىرىشكە بۇيرۇغان. "چوڭ پايدىلىنىش" بۇ ئەھۋاللار ھازىرغىچە دائىرىلەر تەرىپىدىن مەخپىي تۇتۇلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما بۇ مەلۇماتنىڭ توغرىلىقى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇئايەنلەشتۈرۈلمىگەن. (ئەركىن)