28 - يانۋار يەكشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قانۇن خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پامىر ئىگىزلىكدىكى بەزى نامرات كەنتلەر، خوتەن ھەمدە قەشقەرنىڭ نامرات يېزا- كەنتلىرىدە يالغان خەلق پۇلى تارقالغان بولۇپ، دېھقانلار ناھايىتى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىماقتا ئىكەن.
خىتاينىڭ يالغان پۇلى 2005- ھەمدە 2006 - يىللىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەملىكەت دەرىجىلىك بەزى نامرات يېزا كەنتلىرىگە كەڭ تارقىلىپ، 250 دېھقانلار قولىدىن مىڭ يۈەندىن ئارتۇق يالغان پۇل يىغىۋېلىنغان. شۇ يىللىرى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بەزى كەنتلەردىنلا جەمئىي 1 مىليون 700 مىڭ يۈەن يالغان پۇل بايقالغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە يالغان پۇل ياسىغۇچى قارا نىيەتلىك جىنايەتچىلەر پايدا تېپىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نامرات يېزىلىرىدىكى ساۋاتسىز نادان دېھقانلارنى ئالداشنى كۆزلىگەن بولۇپ، ئۇلار دېھقانلارنىڭ پۇلنىڭ راس يالغانلىقىنى پەرق ئېتىشتا ئاجىزلىقى، قانۇنىي تورنىڭ بوشلىقىدىن پايدىلىنىپ، يالغان پۇل بىلەن دېھقانلارنى ئالداپ ئۇلارنىڭ مېۋە، ئاشلىق ۋە ماللارنى سېتىۋالغان.
دېھقانلار بولسا مەھسۇلاتىنى سېتىپ ئالغان يالغان پۇلنى بانكىغا قويغىلى بارغاندا، يالغان پۇللار بانكا خادىملىرى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي مۇسادىرە قىلىنغان.
نۆۋەتتە خىتاينىڭ ساختا پۇللارغا زەربە بېرىش قانۇنى بويىچە، يالغان پۇللار بايقالغان جايدا يىغىۋېلىنىدىغان بولغاچقا، ئالدانغان نامرات دېھقانلار ناھايىتى كۆپ زىيان تارتماقتا ئىكەن. (گۈلچېھرە)