يامانيار ۋە قىزىلبويى ۋەقەسىنىڭ گۇماندارلىرى ئۆلتۈرۈلدى ۋە ئەسىر ئېلىندى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.02
2008.09.02
ھەرىكەتكە، قەشقەردە تۇرۇشلۇق خىتاي قوراللىق قىسىم ئەسكەرلىرى، خىتاي ساقچىلىرى، ئامانلىق خادىملىرى ئىشتىراك قىلغان ئىدى. مىشا، يامانيار ۋە قىزىل بويى يېزىلىرىدا بولسا، ھەرىكەتكە دېھقانلارمۇ مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈچ كۈن داۋاملاشقان بۇ ئىز قوغلاش ھەرىكىتىدە خىتاي تەرەپ، يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدىكى بىر قوناقلىقتا، گۇماندارلارنى قورشاۋغا ئالغان. گۇماندارلارنى بىر قانچە سائەت قورشاۋدا تۇتقاندىن كېيىن ئوققا تۇتۇپ 6 نەپىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە 3 نەپىرىنى ئەسىر ئالغان. بۇ جەرياندا خىتاينىڭ بىر نەپەر ئەسكىرى ۋە بىر نەپەر ئامانلىق خادىمى گۇماندارلارنىڭ ئاخىرقى ھۇجۇمىدا يارىدار بولغان.
بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تۇتۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئامانلىق خادىملىرىغا 200 يۈەندىن مۇكاپات بەرگەن. نۆۋەتتە ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنى خىتاي تېررورچىلار دەپ ئەيىبلىمەكتە، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا،ئۇلارنى ئەركىنلىك جەڭچىلىرى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.