ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆل جىنىسلىق يانار تاغ ۋەيران قىلىنماقتا


2007-04-17
Share

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىخو رايونىغا جايلاشقان ھۆل جېنىسلىق يانارتاغ توپلىرى ساياھەتچىلەر تەرىپىدىن زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، ئەسلىدە توختىماي ئېتىلىپ چىقىدىغان پاتقاق گازلار بارغانسېرى ئازلاشقا باشلىغان.

شىخو رايونىغا جايلاشقان بۇ ھۆل جېنىسلىق يانارتاغ توپى خىتاي بۇيىچە ئەڭ چوڭ يانارتاغ بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ خىل يانارتاغ پەقەت ئىنتايىن ئالاھىدە بولغان جۇغراپىيىلىك شارائىتتا مەۋجۈت بولالايدىغان بولۇپ، پەقەت ئامېرىكا، روسىيە ۋە مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىلا بايقالغان ئىكەن.

تەڭرىتاغ تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىخو رايونىغا جايلاشقان ھۆل جېنىسلىق يانارتاغ توپلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ماددىلار ئارىسىدا بارىي، بېرىللىي، مىس ۋە سېنك قاتارلىق شىپالىق، قىممىتى يۇقىرى ماددىلار بولغانلىقتىن، مەزكۇر جايغا كەلگەن ساياھەتچىلەر داۋاملىق ئېتىلىپ چىققان بۇ پاتقاقنى بوتۇلكىلارغا قاچىلاپ ئېلىپ كېتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، پەقەت 2006 ‏- يىلىنىڭ ئۆزىدىلا، مەزكۇر ھۆل جىنىسلىق يانارتاغنى زىيارەت قىلغۇچىلار سانى 10 مىڭدىن ئاشقان ھەمدە ساياھەتچىلەرنىڭ 3 تەن بىر قىسىمى بۇ يانارتاغ ئېغىزلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان پاتقاقلارنى قاچىلاپ ماڭغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، شىخودىكى بۇ ھۆل جىنىسلىق يانار تاغ ئەتراپىدا خىتاي ئۆلكىسىدىن كەلگەن بىر ئاققۇن شەخسى كۆمۈر كان ئاچقان ھەمدە مەزكۇر كۆمۈر كان تۈپەيلىدىن، مەزكۇر جاينىڭ يەر قۇرۇلمىسى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، خەۋەردە بۇ كۆمۇر كاننىڭ يانارتاغ توپىنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشىغا زور تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. (مىھرىبان)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت