ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار يېقىندا توكيو، ئىۋاتې قاتارلىق شەھەرلەردە يىپەك يولى سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن.
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئۇيۇشتۇرغان سەنئەت كېچىلىكىدە ئورۇنلىغان ئۇيغۇر مۇقامى، ئۇيغۇرچە ناخشا- ئۇسۇل قاتارلىق سەنئەت نومۇرلىرى ۋە يىپەك يولى سەنئەت كېچىلىكى ئۈچۈن تەييارلانغان رەسىم كۆرگەزمىسى ياپونىيىلىك ئوقۇتقۇچىلار ۋە دوستلار، بولۇپمۇ ياپونىيە يىپەك يولى كۇلۇبىنىڭ ئەزالىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئىگە بولغان.(ۋەلى)
