خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئابېنىڭ خىتاي رەھبىرىگە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خاتىرىلىتىشى چاي زىياپىتىدىكى كەيپىياتنى جىددىيلەشتۈرىۋەتكەن بولۇپ، ئارىدىكى كەيپىيات سابىق باش مىنىستىر مورىشىرونىڭ بىر چاقچىقى بىر ئاز يۇمشىغان.
شىنزو ئابې خۇ جىنتاۋغا توختى مۇزات توغرىسىدا مۇنداق دېگەن، " توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى 1998 - يىلى قىسقا مۇددەتلىك يۇرتىغا قايتىشىدا دۆلەتنى پارچىلاشقا كۈشكۈرتۈش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان. بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسى ھازىرغا قەدەر ياپونىيىدە ياشاۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ بۇ ئوقۇغۇچىنى قويۇۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز."
خەۋەرلەردە پەرەز سىرتىدىكى بۇ سۆزلەرگە خۇ جىنتاۋنىڭ ئىپادە بىلدۈرۈش مەجبۇرىيىتىدە قالغانلىقىنى بىلدۈردى. خۇ جىنتاۋ ئۆزىنىڭ ۋەقەدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، دۆلەت ئىچىدىكىلەرنىڭ بۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شىنزۇ ئابې يەنە، تىبەت ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، خىتاي چوقۇم ئولىمپىك ئارقىلىق تىبەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. خۇ جىنتاۋ پەيشەنبە كۈنى ياپونىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرلىرىدىن شىنزۇ ئابې، مورىشىرو، ناكاسونى ۋە كەيبۇلار بىلەن ئەتىگەنلىك چاي زىياپىتىگە قاتناشقان، لېكىن سابىق باش مىنىستىر كويزۇمى مېھمانلار قاتارىدا يوق ئىدى.