ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلار بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش ئۈچۈن نامايىش قىلدى

ئۇيغۇرلار بۈگۈن 6 ‏ - ئاينىڭ 25 ‏ - كۈنى، توكيودا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ئۈچۈن نامايىش قىلدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، موڭغۇللار ۋە ئۇلارنى قوللايدىغان ياپونلاردىن بولۇپ 150 ئادەم خىتاينىڭ توكيودىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نامايىشىدا 'كىشىلىك ھوقۇق بولمىغان ئەلدە ئولىمپىك بولمايدۇ' دەپ شۇئار توۋلىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.06.25

 نامايىشچىلار ياپونىيىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش سىياسىتىگە خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئورگىنى ميۇنخېندىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ ئەزاسى ئىلھام مامۇت بۇگۈنكى نامايىشتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلىگەنلىكىگە، بۇ جەرياندا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە خىتايلارنى ئۇيغۇرچە كېيىندۈرۈپ، ئۇسۇل ئوينىتىپ مەشئەلنى قارشى ئالغان كۆرۈنۈش ياساپ دۇنيانى ئالدىغانلىقىنى پاش قىلغان.

بۈگۈنكى نامايىشقا كەلگەن ئىچكى موڭغۇلىيىلىك داش دونوروب ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتمىش يىلدىن بۇيان موڭغۇللارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى بۇزۇپ كېلىۋاتقانلىقى، موڭغۇللار ھازىر مىللەت بۇيىچە يوق قىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدە شىكايەت قىلغان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.