نۇرمۇھەممەد ياسىننىڭ "ياۋا كەپتەر" ى ئىنگىلىزچە ۋە خىتايچىلارغا تەرجىمە قىلىندى


2005.06.30
wild-pigeon.jpg

"ياۋا كەپتەر" ناملىق ھېكايىسى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مارالبېشىلىق يازغۇچى نۇرمۇھەممەد ياسىننىڭ مەزكۇر ئەسىرى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تەرىپىدىن ئىنگىلىزچە ۋە خىتايچىلارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى. "ياۋا كەپتەر" نىڭ ئىنگىلىزچە، خىتايچە ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى تۈپلەنگەن نۇسخىسى پات يېقىندا بىر كىتاب بولۇپ چىقىدۇ.

نۇرمۇھەممەد ياسىننىڭ مەزكۇر ئەسىرى، بىر ياۋا كەپتەرنىڭ تراگېدىيىلىك كەچۈرمىشىنى تېما قىلغان. ئەسەردىكى ياۋا كەپتەر ئانىسىنىڭ ئىنسانلاردىن ھەزەر ئەيلەش ھەققىدىكى نەسىھىتىگە قۇلاق سالماي ئادەملەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. ھىكايىدىكى ياۋا كەپتەرنىڭ ئانىسى، " ئادەملەر كۈنسېرى بىزنىڭ ياشاش مۇھىتىمىزغا قىستاپ كىرمەكتە. ئۇلار بىزنىڭ ئەزەلدىن ياشاپ كەلگەن زېمىنىمىزدىن بىزنى قوغلاپ چىقارماقچى. يەرلىرىمىزنى تارتىۋالماقچى،" دەپ تەربىيە بەرگەن.

ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا ياۋا كەپتەر ئانىسى بەرگەن زەھەرلىك بۆلجۈرگەننى يەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ. ياۋا كەپتەر جان ئۈزۈش ئالدىدا، "زەھەرلىك بۆلجۈرگەن ۋۇجۇدۇمدا بىر ئەركىنلىكنىڭ جارچىسى بولۇپ ئورۇنلاشتى. ئەڭ ئاخىرى ئەركىن ئۆلۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم،" دەپ خىتاپ قىلغان.

"ياۋا كەپتەر" ئىنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، رويتېرس، بىرلەشمە ئازخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق مەتبۇئاتلار "ياۋا كەپتەر" توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن.

نۇرمۇھەممەد ياسىن، ھازىر ئۈرۈمچىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق 1 - تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە. ئۇ، ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا قولغا ئېلىنىپ، مارابېشى ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.