ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياۋا تۆگىلەرنىڭ ياشاش مۇھىتى بۇزۇلماقتا
2004.12.13
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىممەتلىك ھايۋان- ياۋا تۆگىنىڭ ياشاش مۇھىتى بارغانسېرى بۇزۇلۇپ، سانى مۈشۈك ئېيىقتىنمۇ ئاز بولغان بۇ قىممەتلىك ياۋا ھايۋان نەسلى قۇرۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.
"تەڭرىتاغ تور بېتى" نىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى لوپنور ياۋا تۆگە تەبىئىي قوغداش رايونى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياۋا تۆگىلەرنى سۇ مەنبەلىرى بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنى باشلىغان.
مەزكۇر خەۋەر تورى ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىدە، 78 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان لوپنۇر دۆلەتلىك تەبىئىي قوغداش رايونىدا مول كۆمۈر، تۆمۈر ۋە مىس بايلىقلىرى بولغاچقا، شۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان كان بايلىقلىرىنى قالايمىقان قېزىش ئىشلىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشى، ياۋا تۆگىلەرنىڭ ياشاش مۇھىتىنى بۇزىۋاتقان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى.
شۇنداقلا لوپنۇر ياۋا تۆگىلەرنى قوغداش رايونىنىڭ باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى جاڭ يوڭشەن، بۇ يەردىكى كان قېزىش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ياۋا تۆگىلەر ياشايدىغان بىردىن-بىر سۇ مەنبەسىنى كونترول قىلىۋالغانلىغىنى، شۇنداقلا كېرەكسىز ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىمۇ، مۇھىتنى قوغداش ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىنمىغانلىغىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.
تارىم ئويمانلىغىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان لوپنۇر رايونىدا ھازىر 500 گە يېقىن قوش لوكىلىق ياۋا تۆگىلەر ياشايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى سانى 1000 غىمۇ يەتمەيدۇ. شۇنداقلا ئۇ پۈتۈن دۇنيادىكى تۇزلۇق سۇ ۋە شورلۇق ئۆسۈملۈكلەرنى ئىستىمال قىلىپ ياشىيالايدىغان بىردىن-بىر ھايۋان ھېسابلىنىدۇ.(پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تېتىما كۆلىنى قۇم بېسىپ كەتكەن
- 18 مىڭ ئادەم 5 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدا قانۇنسىز ھايۋان ئوۋلاش جىنايىتى ئېلىپ بارغان
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش رايونى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا
- ئۈرۈمچىنىڭ شىمالىدىكى زەيلىك قۇرۇپ كېتىش خەۋپىگە ئۇچرىماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تېز ئۆرلىمەكتە
- رۇدىلاشقان تارىم سۈيى ئەتراپتىكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارغا تەھدىت بولماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئىگىلىك يەر- مەيدانلىرىنىڭ مۇھىتى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا