ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى رابىيە قادىر خانىمنى قوللاش ھەققىدە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلدى


2008.03.13

ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى قوللاش ھەققىدە مۇراجىئەتنامە تەييارلاپ ئىمزا توپلىدى.

قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان ياۋروپا پارلامېنتىدا، تۈنۈگۈن ئۇيغۇرلار مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق بىر ھەرىكەت باشلاندى. پارلامېنتنىڭ Pannella Markco ۋە Cappato Marco قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرى تىنچلىقپەرۋەر رەھبەر رابىيە قادىر خانىمنى قوللاش ھەققىدە مەخسۇس مۇراجىئەتنامە تەييارلاپ ئىمزا توپلىدى.

مۇراجىئەتتە، ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىنى رابىيە قادىرنى قوللاشقا چاقىرىش بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇمكار سىياسىتى ئاستىدا ئېغىر ئازاپ چېكىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن ھەم خىتاينى ئايرىم ۋەقەلەرنى باھانە قىلىپ، پۈتۈن بىر مىللەتنى ئەيىبلەيدىغان قىلمىشلاردىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان.

ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى رابىيە قادىرنى قوللاش ھەققىدە مۇراجىئەتنى تەييارلاشتىن بىر كۈن ئاۋۋال، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چېن گاڭ، مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىۋاتقاندا، رابىيە قادىر ھەققىدە توختالغان ۋە رابىيەگە ئوخشاش كىشىلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەكىلى ئەمەس، تېررورچىلارنىڭ ۋەكىلى دەپ بايانات بەرگەن ئىدى.

شۇڭا بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر، ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رابىيە قادىر ھەققىدىكى ئەيىپلىمىسىگە قارىتا بىر جاۋاب دەپ قاراشماقتا ۋە خىتاي تەرەپ ئاشكارىلىغان ئايرۇپىلان ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.