ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ گېرمانىيىلىك ئەزاسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن ئاپتونومىيە ئۇقۇمىنى تەنقىد قىلدى

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ گېرمانىيىلىك ئەزاسى ھەلگا ترۈپېل ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ بېلگىيە پايتەختى بېريۇسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىلىشىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى تەنقىد قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.06.27

 ھەلگا ترۈپېل 25 ‏- ئىيۇن كۈنى ياۋروپا ئەللىرىدە ياشايدىغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ برېيۇسسېلدىكى يىغىلىشىغا قاتناشقاندا سۆز قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن ئاپتونومىيە ئۇقۇمىغا بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسىنى تەنقىدلىگەن.

شۇ قېتىمقى يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ خىتاي قانۇنىدا ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيە بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاپتونومىيە پرىنسىپىنىڭ ھېچبىر ماددىسىغا ھۆرمەت قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي ئۇيغۇرلارغا 1955 ‏- يىلى ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھوقۇقنىڭ پەقەت نامدىكى "قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراب" بىر ئاپتونومىيە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى بۇ يىغىنغا ھەلگا ترۈپېلدىن باشقا يەنە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئىتالىيىلىك ئەزاسى ماركو كاپاتو، رومىنىيىلىك ئەزاسى سابا سوگور، بېلگىيىلىك ئەزاسى دېرك ستېركس قاتارلىقلار قاتناشقان ۋە نۇتۇق سۆزلىگەن.

يىغىندا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئىتالىيىلىك ئەزاسى كاپاتو، ياۋروپا پارلامېنتتىدىكى 134 نەپەر ئەزا تەرىپىدىن ئىمزالانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوللاشقا دائىر قارارنى تونۇشتۇرغان. پارلامېنتىنىڭ رومانىيىلىك ئەزاسى سابا سوگور بولسا خىتاينىڭ ئاتالمىش" ئۇيغۇر تېررورچى گۇرۇھلار جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تەھدىت سالماقتا " دېگەن بايانلىرىنى تەنقىدلىگەن. بېلگىيىلىك پارلامېنت ئەزاسى، ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۆمىكىنىڭ باشلىقى دېرك ستېركس خىتاي - ياۋروپا ئىتتىپاقى سۆھبىتىنى سوراققا تارتقان.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى بىر ھەپتىلىك ياۋروپا سەپىرى پەيشەنبە كۈنى ئاخىرلاشقان بولۇپ، ئۇ شۇ كۈنى ۋاشىنگتونغا قايتىپ كەلگەن ئىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.