جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ قەدىمقى جانلىقلار تەتقىقات ئورنىدىكى ئارخېئولوگلار يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جۇڭغار ئويمانلىقىدىن تايراناسورۇس دىنىزاۋۇرىنىڭ ئەڭ قەدىمقى ئەجداتلىرىنىڭ تاشقا ئايلانغان سۆڭىكىنى بايقىدى.
تايراناسورۇس دىنوزاۋۇرى ھازىرغىچە يەر شارىدا بايقالغان بوي تۇرقى ئەڭ چوڭ ۋەھشى دىنوزاۋۇرلار تۈرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار جۇراسىك ئېراسىنىڭ ئاخىرلىرى مەزگىللىرى يەر شارىدا 90 مىليون يىل ياشىغان. جۇراسىك ئېراسى بۇنىڭدىن 210 مىليون يىلدىن 70 مىليون يىل ئىلگىرىكى دەۋرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۇڭغارىيىدە بايقالغان دىنىزاۋۇرنىڭ تاشقا ئايلانغان سۆڭىكى مەزكۇر دەۋردە ياشىغان تايراناسورۇس دىنوزاۋۇرلىرىنىڭ ئەجدادى ئىكەن.
تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، دەسلەپكى دەۋرلەردە ياشىغان تايراناسورۇسنىڭ بەدىنى ئەۋلاتلىرىغا قارىغاندا ۋىجىكرەك كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى شۈي شىڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇلار تاشقا ئايلانغان دىنۇزاۋۇر سۆڭەكلىرىنى بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىپ بىر مەزگىل تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، بۇنىڭ تايراناسورۇس دىنىزاۋۇرىنىڭ سۆڭىكى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇ، تاشقا ئايلانغان دەسلەپكى تايراناسورۇس دىنۇزاۋۇرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3 مېتىر كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما جۇراسىك ئېراسىدا ياشىغان تايراناسورۇس دىنۇزاۋۇرلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىر ئەتراپىدا ئىكەن.
جۇڭغارىيىدىن تېپىلغان دىنۇزاۋۇر سۆڭىكى بۇنىڭدىن 160 مىليون يىل ئىلگىرىكى دەۋرگە تەۋە بولۇپ، مەزكۇر دىنۇزاۋۇرنىڭ باش قىسىمىدا ناھايىتى كۆركەم پەي تاجىسى بار. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ بايقاش ئارقىلىق دەسلەپكى دىنۇزاۋۇرلارنىڭ 100 مىليون يىللىق ئۆزگىرىش جەريانىدا قانداق قىلىپ تايراناسورۇس، دەپ ئاتلىدىغان ۋەھشى دىنوزاۋۇرلارغا ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش مۈمكىن. (ئەركىن)