ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى قۇربان ھېيت ۋە يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى


2006.12.31

مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس قۇربان ھېيتىنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ خۇشال-خوراملىق بىلەن كۈتۈۋالدى. قۇربان ھېيتىنىڭ يېڭى يىل بىلەن بىرگە كېلىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ خۇشاللىق بولدى.

31- دېكابىر كۈنى پايتەخت ۋاشىنگتوننىڭ يېنىدىكى Virginia شىتاتىنىڭ Fairfax شەھىرىدە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن قۇربان ھېيت ۋە يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا Virginia, Maryland, Nuew York ۋە باشقا شىتاتلاردىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە ئۇلارنىڭ دوستلىرى قاتناشتى.

مۇراسىمدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم نۇتۇق سۆزلەپ، جامائەتنىڭ قۇربان ھېيتىنى ۋە يېڭى يىل بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە گەرچە ئۇيغۇرلار يېڭى يىلنى تەبرىكلەۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدە ئازاپ چېكىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ يوقىتىلىشقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

رابىيە قادىر 2006-يىلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەلقئارا سەھنىدە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن يىل بولغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، كۆپچىلىكنىڭ تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، 2007-يىلىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىردى.ئاخىرىدا ئۇ ۋەتەن ئىچى –سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا سالام يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.