يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تور بېتى سىياسىي سەۋەب تۈپەيلى تاقىۋىتىلدى

يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چارشەنبە كۈنى يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، مەزكۈر ناھىيە ھۆكۈمەت تور بېتىنىڭ ۋاقتىنچە تاقىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-08-20
Share

 بۇ تور بېتىنىڭ تاقىۋېتىلىش سەۋەبى، تور بېتىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بىلەن ئەركىنلىككە ئېرىشىش ھەققىدىكى شۇئارى چاپلانغانلىقتىن بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسەن ئىستانسىمىز مۇخبىرى يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تور بېتىنى تەكشۈرۈپ، تور بېتىنىڭ ھەقىقەتەن تاقالغانلىقىنى بايقىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئولىمپىك جەريانىدا ئۇيغۇرلارنى نازارەت ئاستىغا ئېلىپلا قالماي، بەلكى تۈرلۈك چارىلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئوخشىمىغان پىكىرلىرىنى بايان قىلىش ئەركىنلىكىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەلقنىڭ ئۆز ئەركىنلىكىگە بولغان ئىرادىسىنى ھەرگىز يوق قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دىلشات رېشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەت، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىپ، خەلقئارادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىدىن خەۋەردار بولۇشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىكەن.

شۇڭا خىتاي، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان تور بەتلىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تور بەتلىرىنى قاتتىق قامال قىلىپ توسىغاندىن سىرت، مەزكۈر تور بەتلىرىنى كۆرگۈچىلەرنى سىياسىي ئۇنسۇرلار قاتارىدا قاتتىق جازالايدىكەن.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت