خرىستىئان مۇرىتى ئالىمجان ئۈستىدىن يېپىق سوت ئېچىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر خىرسىتىئان مۇرىتى ئالىمجاننى " دۆلەت بىرلىكىنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان، چېگرا سىرتىدىكىلەرنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى بىلەن تەمىنلىگەن" دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، 27 ‏ - ماي كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە، يېپىق سوت شەكلىدە سوت قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.27

 ئىستانسىمىزنى بۇ ھەقتە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن ئىشەنچىلىك بىر كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالىمجان ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان سوت 6 سائەتكە قەدەر داۋاملاشقان بولۇپ، مەزكۈر دېلو پاكىت يېتەرلىك ئەمەس دېگەن شەرت بىلەن، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا قايتۇرۇلۇپ، تەكرار تەكشۈرۈشكە يوللانغان.

ئىككى پەرزەنتلىك ئالىمجان، قەشقەردە چەتئەل مەبلىغى بىلەن سېلىنغان بىر شىركەتنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، ئۇنىڭ شىركەتنىڭ ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە قوشقان تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولغان، چەتئەلدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئالىمجاننىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ چەتئەللىكلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى " دۆلەت بىرلىكىنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان، چېگرا سىرتىدىكىلەرنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى بىلەن تەمىنلىگەن " دېگەن باھانە بىلەن قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.