ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلەرنى كۆتىرىگە بېرىش يېڭى بەلگىلىمىسى چىقىرىلدى


2004.12.22

سەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 9 - نۆۋەتلىك دائىمىي ھەيئەت يىغىنىدا ئاپتونوم رايون رەئىسى، مۇئاۋىن پارتكوم سېكرىتارى ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە "خىتاينىڭ دېھقانچىلىق يەرلىرىنى كۆتىرىگە بېرىش قانۇن بەلگىلىمىسى" نى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەمەلىيلەشتۇرۇش قارار قىلىندى.

تەڭرىتاغ خەۋەر تورىدا مەلۇم بولىشىچە، يېڭى بەلگىلىمە بويىچە، ئىلگىرى دېھقانچىلىق يەرلىرىنى كوللىكتىپ كۆتىرىگە بېرىش يولغا قويۇلغان بولسا، نۆۋەتتە ئائىلە بويىچە كۆتىرىگە بېرىش تىجارىتى يولغا قويىلىدىكەن. شۇنداقلا ئائىلىسىدە ھەربىيلىككە كىرگەنلەر بولسا، ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدىكەن.

يەرلەرنى كۆتىرىگە بېرىش بەلگىلىمىسى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى قېتىم 1982 - يىلى يولغا قويۇلغان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بۇ سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، يېزا-كەنتلەردىكى كادىرلارنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ دېھقانلارنىڭ كۆتىرىگە ئالغان يەرلىرىنى ئۆز ئالدىغا قالايمىقان ئالماشتۇرىۋېتىدىغان ۋە بەلگىلىمىگە بويسۇنمايدىغان ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئۇيغۇر زىيالىلىرى 20 يىل ئاۋالقى ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ ئەھۋالى بىلەن ھازىرقى ۋەزىيىتىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇيغۇر يېزىلىرىنى خىتايلار كۆپ ئىگىلەپ كەتكەن ھازىرقىدەك ۋەزىيەتتە، ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ بەلگىلىمىسىدىن خىتايلار زور پايدىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.