خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە يەر ئاستى سۈ مەنبەسىنى ئاچماقچى

ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلىدە يەر ئاستى سۈ مەنبەسىنى كەڭ كۆلەملىك ئېچىشقا تۇتۇش قىلغان بولۇپ، تەڭرىتاغ تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 2008 - يىلىدىن 2010 - يىلىغىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇشقا 100 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجىرىتىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.12

 خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سۇ ئىشلىرى نازارىتى مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ پىلانىنى بېكىتىپ بولغان ھەمدە پىلاندا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلىدە 5618 قۇدۇق قېزىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ قۇدۇقلارنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلىدىكى قايسى ۋىلايەت،قايسى رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ قېزىلىدىغانلىقى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلمىگەن.

سۇ مەسىلسى ۋە يەر ئاستى سۈيىنى كۆپلەپ ئېچىش قىلمىشى، يەرلىك دېھقانلارنىڭ ئەنئەنىۋى سۇ ئىنشائاتى ئەندىزىسىگە ئېغىر سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، رادىئومىزغا كەلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر تۇرپان دىيارىدا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نورمىدىن ئارتۇق يەر ئىگىلىشى ھەمدە ئېتىز باشلىرىغا تۈركۈملەپ قۇدۇق كولاپ يەر ئاستى سۈيىنى تارتىۋېلىشى سەۋەبلىك كارىز ۋە باشقا سۇ مەنبەلىرىگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان پىچان دېھقانلىرىنىڭ سۇ مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، نەتىجىدە خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلار ئارىسىدا ماجىرا كېلىپ چىققان.

ئەگەر يەر ئاستى سۇيى كۆپلەپ تارىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ سۇغۇرۇش ئىشلىرىغا تەسىر يەتسە، بۇ خىل ماجىرالارنىڭ ئۇيغۇر ئىلىنىڭ باشقا جايلىرىدا كۆپلەپ چىقىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئىلىدە "سۇ يېتىشمەيدۇ" دەپ قارالغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېڭىدىن ئېچىلغان يەرلەر ئىكەنلىكىنى، بۇ يەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ياكى بىڭتۇەننىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئىكەنلىكىنى، بۇ يەرلەردە كۆپلەپ قېزىلغان قۇدۇقلارنىڭ ئاقىۋەتتە ئۇيغۇر ئىلىدە ئېكولوگىيىلىك ھادىسلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىشقا قاتتىق چەك قويۇلىدىغانلىقىنى، يەنە شۇنداقتىمۇ خىتاينىڭ باشقا شەھەرلىرىدە يەر ئاستى سۈيىنىڭ يۇزى تۆۋەنلەپ كېتىش ھادىسى كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل ھادىسىلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئىلىدە يۇز بېرىش مۇمكىنلىكىنىمۇ چەتكە قېقىشقا بولمايدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.