قازاقىستان ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چىگرا رايۇنىدا يەر تەۋرەش ۋەقەسى يۈز بەردى


2004.10.28

ئۇيغۇر ئېلى بىلەن قازاقىستاننىڭ چىگرا رايۇنىدا چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن 5.1 بال يەر تەۋرىدى. يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزى قازاقىستان تەرەپتە بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۆرىتالا ئوبلاستى ئارشاڭ ناھىيىسىدىن 70 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئارشاڭ ناھىيىسىدىكى ئاھالىلەر يەر تەۋرەشنى كۈچلۈك ھىس قىلغان. ناھىيە ئەتراپىدىكى بەزى چارۋىچىلىك مەيدانلىرىدا قىسمەن ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە چاك كەتكەن. بۆرىتالا شەھىرىدىمۇ ئاھالىلەر يەر تەۋرەشنى تۇيغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، يەر تەۋرەشتە ئۆلۈم - يىتىم ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى يۈز بەرگەن- بەرمىگەنلىكى تېخى مەلۇم بولمىغان. يەر تەۋرەشنى ھەتتا تەۋرەش مەركىزىدىن 300 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قاراماي شەھىرىدىكى قىسمەن ئاھالىلەرمۇ ھىس قىلغان.

ئەمما خىتاي دائىرىلىرى خەۋەردە بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ قانچىلىك ئادەمنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەنلىكى ۋە قانچىلىك زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.