ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىدە 4.7 بال يەر تەۋرىدى


2005.01.19

ئۇيغۇر ئېلى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىدە سەيشەنبە كۈنى 4.7 بال يەر تەۋرىگەن ئەمما بەختكە يارىشا ھېچقانداق زىيان-زەخمەت كېلىپ چىقمىغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىن 1100 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان ئونسۇ ناھىيىسىدىكى بۇ يەر تەۋرەش سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن يەرلىك ۋاقىت سائەت 2 يېرىملاردا يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن يەرلىك خەلقلەر كۈچلۈك سىلكىنىشنى ھېس قىلغان.

ئادەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرى يەر تەۋرەش بىر قەدەر كۆپ يۈز بېرىدىغان رايون بولۇپ، 2003 - يىلى 2 - ئايدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ۋە پەيزىۋات ناھىيىلىرىدا 6.8 بال يەر تەۋرەپ 268 كىشى قازا قىلغان ئىدى. (پەرىدە )

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.