ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىدە 4.7 بال يەر تەۋرىدى
2005.01.19
ئۇيغۇر ئېلى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىدە سەيشەنبە كۈنى 4.7 بال يەر تەۋرىگەن ئەمما بەختكە يارىشا ھېچقانداق زىيان-زەخمەت كېلىپ چىقمىغان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىن 1100 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان ئونسۇ ناھىيىسىدىكى بۇ يەر تەۋرەش سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن يەرلىك ۋاقىت سائەت 2 يېرىملاردا يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن يەرلىك خەلقلەر كۈچلۈك سىلكىنىشنى ھېس قىلغان.
ئادەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرى يەر تەۋرەش بىر قەدەر كۆپ يۈز بېرىدىغان رايون بولۇپ، 2003 - يىلى 2 - ئايدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ۋە پەيزىۋات ناھىيىلىرىدا 6.8 بال يەر تەۋرەپ 268 كىشى قازا قىلغان ئىدى. (پەرىدە )
©
2005 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئاقسۇ شايار تۈرمىسى توپىلاڭ يۈز بېرىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا
- ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يېزا كادىرلىرى تەربىيىلەنمەكتە
- ئىلى دەرياسى بويى ئەتراپىدا تۇپراق سېرىلىش ئەھۋاللىرى يۈز بەرمەكتە
- ئۈرۈمچى ھاۋا كېلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن، ئاۋىئاتسىيە قاتنىشى توختاشقا مەجبۇر بولغان
- ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى ئاپەتتىن كېلىپ چىققان ئىقسادىي زىيان 20 مىليون يۇئەنگە يەتتى