يەر تەۋرەش ئاپەت رايونىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرى تەلتۆكۈس بولمىدى
2005.02.16
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، 6.2 بال يەر تەۋرىگەن ئۈچتۇرپان ناھىيىسىدىكى ئۆي-جايسىز قالغان ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ نەق مەيداندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا قارىغاندا، ئاپەت رايونىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ھازىرغىچە تېخى ھېچقانداق ياردەم بۇيۇملىرىغا ئېرىشمىگەن.
خىتاي خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، دەسلەپكى مۆلچەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە 89 ئائىلىلىكنىڭ جەمئىي 3500 كۋادرات مېتىر دائىرىدىكى ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ھەمدە 870 ئائىلىنىڭ ئۆيى ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان.
مۇخبىرىمىزنىڭ نەق مەيداندىن ئىگىلىشىچە، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلاردا كېچىچە قار ياغقان بولۇپ، ئەتىسى ھاۋا ئوچۇق بولغانلىقى سەۋەبىدىن قارلار ئېرىپ، يەنە بىر قىسىم ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. (پەرىدە)