ئۇچتۇرپاندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان قىسمەن كىشىلەر ھازىرغىچە ياردەمگە ئېرىشەلمىدى


2005.02.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ يېڭى ئاۋات يېزىسىدا يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان بىر قىسىم كىشىلەر، ئاپەتتىن كېيىنكى ئۈچىنچى كېچىنىمۇ ئۆزلىرى ياسىغان ئاددى چېدىرلاردا ۋە ياكى سىرتلاردا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولماقتا.

سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت بەش يېرىملاردا، ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە 6.2 بال يەر تەۋرىگەن ئىدى. خىتاي مەتبۇئاتلىرى، ئاپەتتە 4259 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 18630 ئېغىز ئۆيگە چاك كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۆز مۇخبىرىمىزنىڭ يەرلىك ئاھالىلەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، يېڭى ئاۋات يېزىغا يېقىن كەنتلەردىكى ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن كىشىلەر چېدىر قاتارلىق ياردەم بۇيۇملىرىغا ئېرىشەلىگەن.

بىراق، چەت كەنتلەردىكى بىر قىسىم كىشىلەر ھازىرغىچە ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمىگەن. ئەگەشمە يەر تەۋرەشلەر يەنە داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار فېۋرال ئېيىدىكى قەھرىتان سوغۇقتا، ئۈچىنچى كېچىنىمۇ ئاددى چېدىرلار ۋە سىرتلاردا ئۆتكۈزمەكتە ئىكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت