ئۈچ تۇرپاندىكى دائىرىلەر قۇتقۇزۇش سوممىسىنىڭ ئازلىقىدىن شىكايەت قىلدى
ئۈچ تۇرپاندىكى يەر تەۋرەش ۋەقەسىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان پۇقرالارنىڭ سانى 28 مىڭدىن ئاشتى. ئۈچ تۇرپان ناھىيىسىدىكى دائىرىلەر، ئاپەت كۆلىمىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، ئاپەتكە ئۇچرىغان پۇقرالار سانى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاپەتكە ئۇچرىغان پۇقرالار سانى 28 مىڭدىن ئاشقان. خەتەرلىك دەپ قارالغان ئۆيلەر17 مىڭدىن كۆپ بولۇپ، 6 مىڭ ئېغىز ئۆي ۋەيران بولغان. ئۈچ تۇرپان ناھىيىلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى شۇ مىڭ، " ئۈچ تۇرپان يىللىقى 10 مىليون يۈئەن ئىقتىسادى كىرىمى بىلەن ئاپەتتىن ئۆزىگە تايىنىپ قۇتۇلالمايدۇ،" دەپ قاخشىغان.
شۇ مىڭ، ئاپەت رايونىدىكى پۇقرالارنى تۇرالغۇ جاي ، كىيىم - كېچەك، يېقىلغۇ ۋە يىمەك - ئىچمەك بىلەن تەمىنلەشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۈچ تۇرپاندىكى پۇقرالاردىن بىر مىليون 400 مىڭ يۈئەن پۇل توپلىغانلىقىنى، بىراق بۇنىڭ ئاپەت رايونىنى قايتا قۇرۇشقا يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۈچ تۇرپان ناھىيىسى خىتاي بويىچە ئەڭ نامرات ناھىيىلەرنىڭ بىرى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئۈچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان پۇقرالارغا چېدىر تىكىپ بېرىلگەن. ئامما ھازىرغا قەدەر كۈندىلىك تۇرمۇشقا كېرەكلىك ھېچقانداق ماددى قۇتقۇزۇش بۇيۇمى كەلمىگەن. يېڭى ئاۋات يېزىسىنىڭ بەزى كەنتلەردە پۇقرالار پانالانغۇدەك چېدىر يوق بولۇپ، قاراباغ، قۇتچا قاتارلىق كەنتلەردىكى پۇقرالار ئوتۇن- ياغاچلارنى يېقىلغۇ قىلىپ ئىسسىنماقتىكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇچتۇرپاندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان قىسمەن كىشىلەر ھازىرغىچە ياردەمگە ئېرىشەلمىدى
- يەر تەۋرەش ئاپەت رايونىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرى تەلتۆكۈس بولمىدى
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈچ تۇرپان ناھىيىسىدە يەر تەۋرىدى
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىدە 4.7 بال يەر تەۋرىدى
- قازاقىستان ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چىگرا رايۇنىدا يەر تەۋرەش ۋەقەسى يۈز بەردى