ئۇيغۇر ئېلى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيىسىدە پەيشەنبە كۈنى 5.1 بال يەر تەۋرىگەن. لېكىن ھازىرغىچە ھېچقانداق زىيان-زەخمەت ئەھۋالى بايقالمىغان.
شىنخۇئا خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئاۋاتتىكى يەر تەۋرەش پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن يەرلىك ۋاقىت 6:30 لاردا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئاۋاتقا خوشنا بولغان كەلپىن ناھىيىسى، ئاقسۇ شەھىرى ۋە بۇ يەردىكى خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيە ئەترىتىمۇ بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشنى كۈچلۈك ھېس قىلغان.
نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك خادىملار يەر تەۋرەش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ رايونلارغا قاراپ يولغا چىققان. ئۇيغۇر ئېلىدە يەر تەۋرەش بىر قەدەر كۆپ يۈز بېرىدىغان بولۇپ، تېخى بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە 6.2 بال يەر تەۋرەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ سانى 23 مىڭدىن ئاشقان ئىدى. (پەرىدە)