قارىقاش ناھىيىسىدە 5.4 بال يەر تەۋرىدى

جۈمە كۈنى ئەتىگەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە، قارىقاش ناھىيىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا 5.4 بال يەر تەۋرىگەن. بەخىتكە يارىشا ھازىرغىچە ئادەملەرنىڭ زىيان-زەخمەتكە ئۇچراش ئەھۋالى بايقالمىغان.

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش مەركىزى قارىقاش ناھىيىسىدە بولۇپ، ھەتتا خوتەن شەھىرى ۋە گۇما ناھىيىسىمۇ كۈچلۈك تەۋرەشنى ھېس قىلغان. گەرچە ھازىرغىچە ئادەملەرنىڭ زىيان-زەخمەتكە ئۇچراش ئەھۋالى بايقالمىغان بولسىمۇ، ئەمما قارىقاش ناھىيىسىدە بىر قىسىم ئۆيلەرگە دەز كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىستانسىسىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ يەر تەۋرەشتىن كېيىن يەنە، مەزكۇر رايوندا 39 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن. قالدۇق تەر تەۋرەشنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى 4.4 بالغا يەتكەن.

پەيشەنبە كۈنى خوتەن ۋىلايىتىگە خوشنا بولغان ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيىسىدە 5.1 بال يەر تەۋرىگەن ئىدى. لېكىن ئۇ يەردىمۇ ئادەملەرنىڭ زەخمىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى. (پەرىدە)