ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىدە 4.9 بال يەر تەۋرىدى


2006.04.30

29‏- ئاپرىل كۈنى سەھەردە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىدە 4.9 بال يەر تەۋرەپ، بۇ يەردىكى چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئاھالىلەرنىڭ مال-ۋارانلىرى زىيانغا ئۇچرىغان. لېكىن ھازىرغىچە ئادەملەرنىڭ زىيان-زەخمەت ئەھۋالى بايقالمىغان.

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، يەر تەۋرەش مەركىزى ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ بوزدۇڭ قىرغىز مىللىي يېزىسى ۋە بوزدۇڭ چارۋىچىلىق مەيدانى بولۇپ، يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن چارۋا مەيدانىدىكى 40 نەچچە قوتان ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 270 تۇياق قوي ئۆلگەن. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، 64 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيلىرىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە دەز كەتكەن. دەسلەپكى مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 3 مىليون 788 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

بۇ ھەقتە خىتاينىڭ تەڭرىتاغ خەۋەر تورىمۇ ئۇچۇر تارقاتقان بولۇپ، ئىگىلىشىمىزچە ئۇچتۇرپان قاتارلىق جايلاردىمۇ تەۋرەش يۈز بەرگەن. ئونسۇ ناھىيىسى ئۇچتۇرپاننىڭ ئاقيار، يېڭى ئاۋات قاتارلىق يېزىلىرىغا قوشنا بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ئۇچتۇرپاننىڭ يېڭى ئاۋات، ئىماملىرىم يېزىلىرىدا يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ، ئېغىر زىيان كېلىپ چىققان ئىدى.

خەۋەردە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ھازىر قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن ئەمما بۇ يەرگە قانداق ياردەملەرنىڭ قىلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىگەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.