ئونسۇ ناھىيىسىدىكى يەر تەۋرەش زور ئىقتىسادى زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى


2006.05.02
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىدە 29 - ئاپرىل كۈنى يۈز بەرگەن 4.9 بال يەر تەۋرەش بۇ رايوندا 3مىليون 800 مىڭ يۈەنلىك ئىقتىسادى زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ بوزدۆڭ يېزىسى ئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ھادىسلىرى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادى زىيان 3 مىليون 800 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بولۇپمۇ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار يېقىنقى يىللاردىن بېرى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئېغىر ئىقتىسادى يۈكى ئاستىدا قالماقتا. 2004 - يىلى مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ چوڭ قورچاق يېزىسىنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەش ۋەقەسى ، 160 دىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە چوڭ قورچاق يېزىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ۋەيران بولغان ئىدى.

ئۆتكەن يىلى باي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش بۇ رايوندا نۇرغۇن قورا جاينىڭ ئۆرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى تەنقىد قىلغۇچىلار بۇ ۋەقەلەردە دائىرىلەرنى سۆرەلمىلىك قىلىش، ۋەقەگە سەل قاراش، تەييارلىقسىز تۇرۇش ۋە پۇقرالارنىڭ ھال ئەھۋالىغا يەتمەسلىك بىلەن ئەيىپلىمەكتە.

لېكىن خىتاي دائىرىلىرى بۇ تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، چوڭ قورچاقتىكى يەر تەۋرەش ۋەقەسىدىن كېيىن ھۆكۈمەت پۇقرالارنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇش پىلانىنى باشلىغان. لېكىن تەنقىدچىلەر، بۇ پىلان ھال ئەھۋالى ئارانلا كېتۋاتقان دىھقانلارغا ئىقتىسادى يۈك بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.