خوتەندە 3. 4 بال يەر تەۋرىدى

رايون خاراكتېرلىك يەر تەۋرەش ئۇچۇر مەركىزىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 13 ‏- فېۋرال كۈنى ئەتىگەن سائەت 7 دىن 11 مىنۇ ئۆتكەندە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە، 3. 4 بال يەر تەۋرەش ھادىسىسى يۈز بەردى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئەتراپتىكى رايونلارغىمۇ سېزىلگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ قېتىم خوتەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە، ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش كۆرۈلمىگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدە چوڭ ‏- كىچىك يەر تەۋرەش ھادىسىلىرى ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا، بىر قەدەر كۆپىيىشكە باشلىغان.

بۇندىن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پەيزىۋات ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋەقەسىدە، نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن ۋە نۇرغۇن ئۆيلەر ئۆرۈلگەن. لېكىن خىتاي ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن خەۋەرلەردە، ھەقىقىي ئەھۋال ئەينەن مەلۇم قىلىنمىغان. (مېھرىبان)