ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تېكەس تەۋەسىدە يەر تەۋرەپ 27 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى


2007-07-23
Share

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تېكەس تەۋەسىدە 20- ئىيۇل كۈنى 5.7 بال يەر تەۋرەپ، 27 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بىۋاسىتە ئىقتىسادى زىيان 63 مىليون 750 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى 23 - ئىيۇل تېكەستىن بەرگەن خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە 4100 ئائىلە ئاپەتكە ئۇچرىغان بولۇپ، 4600 ئېغىز ئوي ئۆرۈلۈپ كەتكەن، 7800 ئېغىز ئۆي ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان، 400 دەك قوتان گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن ھەمدە 470 تۇياق چارۋا مال ئۆلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا 4 كۆرۈك ۋە 17 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تاشيول بۇزۇلۇپ كەتكەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار، ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىغا سەپەرۋەر قىلىنغان بولۇپ ھازىرغىچە ئاپەت رايونىدىكى 18 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بىخەتەر جايلارغا يۆتكەلگەن. (جۈمە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت