ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى كېرىيە ناھىيىسى، چىرا ۋە لوپ ناھىيىلىرىنىڭ بىر قىسىم كەنت ۋە يېزىلاردا جۈمە كۈنى ئەتىگەن سەھەردە شىددەتلىك يەر تەۋرەش ۋەقەسى يۈز بەردى. ئامېرىكا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئورگىنى تەۋرەش كۈچىنىڭ 7.2 بال ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. خىتاي يەر تەۋرەش ئىدارىسى تەۋرەش كۈچىنىڭ 7.3 بالغا يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
يەر تەۋرەش رايونى كېرىيە ۋە چىرا ناھىيىلىرىنىڭ قارا قۇرۇم تېغى باغرىدىكى چەت يېزا - كەنتلەرگە توغرا كەلگەن. يەرلىك پۇقرالار يەر تەۋرەشنىڭ كېرىيىدىكى لۇشتاغ كەنتى ۋە چىرىيىنىڭ تولۇ كەنتلىرىدە يۈز بەرگەنلىكىنى، لوپ ناھىيىسىدىكى بىر قىسىم يېزا - كەنتلەرنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي يەر تەۋرەش ئىدارىسى يەر تەۋرەش مەركىزىنى خوتەن شەھىرىنىڭ 120 كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ، دەپ ئېلان قىلدى.
لېكىن دائىرىلەر يەر تەۋرەش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر، يارىدارلار ياكى كېلىپ چىققان ماددى زىيان توغرىسىدا ھازىرغا قەدەر مەلۇمات ئالالمىغانلىقىنى، چۈنكى يەر تەۋرەش ۋەقەسى يۈز بەرگەن جايلار چەت - يېزا - قىشلاقلار بولۇپ، بۇ يەر بىلەن تېلېفون ئالاقىسى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قار ئاپىتى بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلى دېھقانچىلىقىغا 4 مىليارد 745مىليون يۈەن زىيان سالدى
- شەرق - غەرب گاز تۇرۇبىسىنىڭ - 2 لىنىيىسىنى ياتقۇزۇۋاتقان خىتايلارنى قار بېسىۋالدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە قارا ئاپىتى يۈز بەردى
- خىتاينىڭ غەربىي قىسمىدا يەنە ئاپەت يۈز بېرىشى مۇمكىن
- خوتەندە تۇنجى قار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەت ھېلىھەم داۋاملاشماقتا
- ئۇيغۇر ئىلىدە يۈز بەرگەن ئاپەتلەرنىڭ ئەھۋالى تولۇق ئېلان قىلىنمايدۇ
- دېخۈي سودا بازىرىدا ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان دۇكاندارلار پۈتۈنلەي تۆلەمگە ئېرىشىپ قايتا تىجارىتىنى باشلىدى
- خىتاي ھاۋارايى تارماقلىرى قارا ئاپىتىگە تەييارلىق قىلالمىغانلىقىنى ئىقرار قىلدى
- خىتايدا قار ئاپىتى داۋاملاشماقتا
- قار ئاپىتى ۋە سوغۇق تېمپېراتۇرا خىتاي ھەم ئۇيغۇر ئېلىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى
- خىتايدا يۈز بەرگەن قار ئاپىتى خىتاي ئىقتىسادىغا زور تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن
- خىتايدا قار ئاپتى