مىچۈەندە ھۆكۈمەت دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىپ شىركەتلەرگە قىممەت باھادا ساتقان
2007.12.11
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مىچۈەن شەھىرىدە خىتاينىڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى مەجبۇرىي ھالدا زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىپ نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى باھادا يەرگە ئېھتىياجلىق شىركەتلەرگە سېتىپ ئارىلىقتىن نەپ ئالغان، ئەمما يەر ئىگىلىرى دېھقانلار ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان.
بوشۈن ئاخبارات تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىچۈەن شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى مەجبۇرىي سېتىۋېلىش قىلمىشى 1993- يىلىدىن 2007- يىلىغا قەدەر داۋاملاشقان بولۇپ، ئۇلار مىچۈەن شەھىرى تەۋەسىدىكى ھەرقايسى يېزىلاردىن زوراۋانلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ھەر بىر مو يەرنى 400 يۈەندىن سېتىۋېلىپ 200 مىڭ يۈەندىن شىركەتلەرگە سېتىپ بەرگەن.
دېھقانلار نارازىلىق بىلدۈرۈپ يەر توختىمىغا قول قويۇشنى رەت قىلغاندا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى شەھەر تەۋەسىدىن مىڭدىن ئارتۇق قوراللىق ساقچى قىسىم ئەسكەرلىرىنى تەشكىللەپ دېھقانلارنى قورشاۋغا ئېلىپ قانلىق باستۇرغان. 2002- يىلىدىكى باستۇرۇش جەريانىدا 1 دېھقاننى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن، 2004- يىلىدىكى باستۇرۇشتا 34 ئادەمنى ئېغىر يارىلاندۇرغان ۋە 38 ئادەمنى قاماققا ئالغان.
بوشۈن تورى ئاشكارىلىغان دېھقانلارنىڭ ئەرز خېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مىچۈەن شەھىرى تېلېۋىزىيىسى ھەر ئائىلىنىڭ نوپۇس بېشىغا 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ پۇل ئەمەلىيلەشمىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مىچۈەن شەھىرىدىكى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان بۇ بىر بۆلۈك دېھقانلارنىڭ ئەرزىيەت ئىشلىرى ئىزچىل ھالدا قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن بولۇپ، ئاخىرى 11- دېكابىر ئىنتېرنېت ئارقىلىق سىرتقى دۇنيا بىلەن يۈز كۆرۈشتى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى سانائەت ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن دېھقانچىلىق يەرلىرىگە قويۇلىدىغان يەر بېجىنى ئۆستۈرمەكچى
- مارالبېشى ۋە يېڭىسار ناھىيىسىدىن 12 نەپەر ئۇيغۇر دېھقان گازدىن زەھەرلىنىپ قازا قىلدى
- ئۈرۈمچىدە مەكتەپلەردىكى " قارا كۈچ" گۇرۇھلارنى تازىلاش ئېلىپ بېرىلماقتا
- خىتايدا يەنە مەجبۇرىي ئۆي چىقىش ۋەقەسى يۈز بەردى
- خىتاينىڭ نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى يۆلەش سىياسىتى قانداق ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ؟
- خىتايدا تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ بۇلغىنىشى ئېغىرلاشماقتا
- بېيجىڭدا يۈز بەرگەن مەجبۇرىي كۆچۈرۈشتە بىر خىتاي پۇقراسى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى
- سەندۇڭدا ساقچىلار يارىلاندۇرغان دېھقانلار 300 مىڭ يۇەندىن تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا
- خىتايدا بىر پارتىيە پۈتۈن خەلقنىڭ يەر -زىمىن ۋە تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئۇزۇن مۇددەتكىچە ئىگەلىۋالىدىغان ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش كېرەك