ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن بىر يىلدا يەرلەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش دېلوسىدىن 1659 ئى پاش بولدى

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خەۋەر تورلىرىدا سەيشەنبە كۈنى خەۋەر بېرىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا قانۇنسىز يەر ئىگىلىۋېلىش ۋەقەلىرى كۆپلەپ يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، دائىرىلەرنىڭ تۇپراق قانۇنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا يەرلەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشقا دائىر 1659 قېتىملىق دېلو پاش بولغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىگىلىۋېلىنغان ھەم قالايمىقان ئېچىلغان يەرلەر ناھايىتى كەڭ دائىرىدە بولۇپلا قالماي، قانۇنىي رەسمىيەتسىز ھالدا بوز يەر ئېچىش، بايلىق قېزىش، يەر بايلىقلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئىسراپ قىلىشقا ئوخشاش قانۇنسىز ھەرىكەتلەر ئەۋج ئالغان بولۇپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار تۇپراقلارنى، بوز يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىش، ئېچىش جەريانىدا يەنە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەلۇم بولغان بۇ يەرلەرنى قانۇنسىز ئىگىلەش دېلولىرىدا، بولۇپمۇ قانۇنسىز ھالدا كەڭ كۆلەمدە بوز يەر ئېچىش، ئۆز ئالدىغا يەر سودىسى قىلىش ۋەقەلىرى ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى مەلۇماتلىق كىشىلەرنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق ھالدا ئېچىۋاتقان بوز يەر ھەمدە بىڭتۇەن تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ ئېچىلىۋاتقان يەرلەردىن باشقا،خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىپ ئۇيغۇر ئېلىدە قانۇنسىز بوز يەر ئاچقۇچىلار يېقىنقى 10 يىلدا يەنىمۇ كۆپەيگەن بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى بەزى خىتاي يېزا ‏- كەنت كادىرلىرىنىڭمۇ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز ھالدا يەر سودىسى قىلىش، ھەتتا يەرلىك دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنىمۇ قانۇنسىز ھالدا تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئىگىلىۋېلىشىمۇ ناھايىتى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولۇپ قالغان. (گۈلچېھرە)