قەشقەردە خەلقئارالىق سودا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلمەكچى


2005.05.09

تۈنجى قېتىملىق "قەشقەر، جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا سودا يەرمەنكىسى" سەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كىندىكى بولغان قەشقەر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بۇنىڭ ھارپىسىدا قەشقەردىكى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر سودا يەرمەنكىسىگە خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن بولۇپ بەش يۈزدەك كارخانىنىڭ 3000 دىن ئارتۇق ۋەكىللىرى قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى سودا يەرمەنكىسى "جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىپ، تاشقى سودىنى كېڭەيتىش" دېگەن تېمىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن ھەمدە قەشقەر ئارقىلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

قەشقەر شىنيىفا خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يەرمەنكىدە يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە قىلىنىپ، ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلار، دېھقانچىلىق ئەسلىھەلىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ، توقۇلما ماللار قاتارلىق تۈرلۈك تاۋارلار يەرمەنكە قىلىنىدىكەن.

قەشقەر، پاكىستان، ھىندىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان ۋە قىرغىزىستاندىن ئىبارەت بەش دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا "ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئىقتىسادىي چەمبىرىكىنى قۇرۇش" تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. كۈزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەرنى بازا قىلىش ئارقىلىق، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىياغا تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۇرغۇن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل يەرمەنكىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.