ئۈرۈمچىدە ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا .
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، 13 نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىشىغا 10 كۈن قالغان بولۇپ، ھازىر چەتئەللىكلەرنىڭ يەرمەنكە ئۈچۈن زاكاز قىلغان ئورنى 70 گە، ئاپتونوم رايون ئىچىدىكىلەرنىڭ زاكاز قىلغان يايما ئورنى 470 گە، ئاپتونوم رايون سىرتىدىكىلەرنىڭ زاكاز قىلغان ئورنى 527 گە يەتكەن .
خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە روسسىيەدىن 150 نەپەر ۋەكىل قاتناشقاندىن سىرت، قازاقىستاننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق سودا باشقارمىسى، خوڭكوڭ سودا تەرەققىيات ئىدارىسى شۇنىڭدەك مالايسىيا، ئاۋسترالىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سودا ۋەكىللىرىمۇ بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدىكەن .
ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە يەنە، شاڭخەي، تيەنجىن، چوڭچىڭ قاتارلىق 15 ئۆلكىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى 16 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرمۇ ئۆمەك تەشكىللەت مەزكۇر يەرمەنكىگە قاتنىشىدىكەن .
كۈزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 12 يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى بەلگىلىك دەرىجىدە سودا تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق سودا تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىگە مەنپەئەت يەتكۈزگەن بولماستىن، ئىچكىرى ئۆلكىلىك خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ چەتئەللىك سودىگەرلەر بىلەن بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا سودىگەرلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشى ئۈچۈن كۆۋرۈك بولۇش رولىنى ئوينىماقتا ئىكەن. (ئەقىدە)