رۇسىيە پرىزدېنتىنىڭ سىبىرىيە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلدى

رۇسىيە پرىزدېنتىنىڭ سىبىرىيىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ۋەكىلى باشقىلىقىدىكى رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى، ئاپتونوم رايون پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەنلەر بىلەن كۆرۈشتى.

ئىسمايىل تىلىۋالدى رۇسىيە پرىزدېنتىنىڭ سىبىرىيىدىكى ۋەكىلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ چېچەن ۋە ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھەمكارلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن تېررورىزم، مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىلىككە قارشى كۈرەش قىلىشتا خىتاينى داۋاملىق قوللاشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەركىتىنى تېررورىزم دەپ جاكارلىغان.

چېچەنلەرنىڭ ھەركىتىنى تېررورىزم دەپ قوبۇل قىلىپ، رۇسىيىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى قوللىشىغا ئېرىشكەنىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى، 1996 - يىلى خوتەن ۋەقەسىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. ئەينى چاغدا ئۇ ئاپتونوم رايون پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى ئىدى. ئۇنىڭ خوتەن ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدىكى رادىكال ھەرىكىتى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. سىبىرىيە رايونىدىكى نوۋوسېبرىسك، كېمېروۋ ۋە باشقا ئوبلاستلىرىدىن تەركىپ تاپقان روسىيە فېدىراتسىيىسىنىڭ سىبىرىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە تەكلىپ قىلىنغان . ئىككى تەرەپ سىبىرىيە رايونى بىلەن ئۇيغۇر ئىلى ئوتتۇرىسىدىكى سودا - ئىقتىساد، مەدەنىيەت، پەن- تېخنىكا ھەمكارلىقىغا دائىر بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى.(ئەركىن)