قىرغىزىستانلىق نۇرمۇھەممەت كەنجى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتناشتى


2004.09.07

قىرغىزىستان " ئېرپان " سانائەت سودا شىركىتىنىڭ دىرېكتورى نۇرمۇھەممەت كەنجى، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىپ، " ئىپار" بىئو تېخنولوگىيىسى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىلەن 12 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق توختامغا ئىمزا قويغان .

قىرغىزىستان " ئېرپان" سانائەت سودا شىركىتى، ئىپار شىركىتىدىن " ئىپار" بوۋاقلار كالتسىي تالقىنى، " ئىپار" چوڭلار كالتسىي تابلېتكىسى، " كۈنچېچەك " تابلېتكىسى، " ئىپار" قىزىلگۈل كاپسۇلى، " ئىپار"سېنىك تولۇقلاش كاپسۇلى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىش - سېتىۋىلىش ئۈستىدە توختام تۈزگەن .

" ئېرپان " سانائەت سودا شىركىتىنىڭ دىرېكتورى نۇرمۇھەممەت كەنجى ئىلگىرى، قىرغىزىىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتچىلىرىدىن ئىدى، ئۇ 2000 - يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەت باغلاپ، بىرقانچە قېتىم، ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش نامىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملارغا قاتناشقان . (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.