قەشقەر سودا يەرمەنكىسىدە 63 تۈردىكى سودا كېلىشىمى ئىمزالاندى

قەشقەردە ئېچىلىۋاتقان "قەشقەر، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا سودا يەرمەنكىسى" دە چارشەنبە كۈنى كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇنىڭدا 1 مىليارد 8 يۈز مىليون يۇەن قىممىتىدىكى 63 تۈرلۈك سودا كېلىشىمى ئىمزالانغان.

تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەر ئاساسلىقى سانائەت پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش، ساياھەت ئېچىۋېتىش، دېھقانچىلىق ۋە كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى ئېچىش، ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ھەمدە چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق سانائىتى قاتارلىقلار ئىكەن.

خەۋەردە يەنە، قەشقەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە تەبىئىي بايلىقى مول بولۇش ئارتۇقچىلىقلىرىنىڭ يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنى ئۆزىگە جەلب قىلغانلىقى يېزىلغان.

بۇنىڭغا باشقىچە قاراشتا بولىۋاتقان كۈزەتكۈچىلەر، بۇ يەردىكى ھەر قايسى مەنپەئەتلەردىن يەنىلا خىتايلارنىڭ پايدىلىنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل يەرمەنكىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەشنى مەقسەت قىلغان بولىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قەشقەر بولسا، پاكىستان، ھىندىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان ۋە قىرغىزىستاندىن ئىبارەت بەش دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدىغان، ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جاي. كۈزەتكۈچىلەر يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەرنى بازا قىلىش ئارقىلىق، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىياغا بولغان تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (پەرىدە)