ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى


2005-06-10
Share

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ ئالدىنقى كۈنى بېيجىڭدا يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تەكىتلىشىچە، بۇ يىلقى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە بەزى ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلىدىكەن.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ جوۋ، بۇ يىلقى يەرمەنكىنىڭ ۋاقتى 8 كۈندىن 5 گە قىسقارتىلانلىقىنى بىلدۈردى. جاڭ جوۋنىڭ تەكىتلىشىچە، "غەربلىكلەر" گە ئېچىلىش بۇ يىلقى يەرمەنكىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى بولىدىكەن. جاڭ جوۋ، يەرمەنكە جەريانىدا "ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا ھەمكارلىقى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى" نىڭ يىغىنى چاقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما 5 - ئاينىڭ 30 غا قەدەر خوڭكوڭ ، تەيۋەن ۋە چەتئەللىكلەر يەرمەنكىدىكى پۈكەيلەرنىڭ ئاران 10 ٪ نى سېتىۋالغان.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا خىتاي سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرىشىد قاتناشتى، ئەمما يىغىننى ئاپتونوم رايوننىڭ خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ جوۋ باشقۇرغان. جاڭ جوۋنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2004 - يىلدىكى تاشقى سودا ئېكسپورتى 5 مىليارد دوللارغا يەركەن.

ئاخبارات يىغىنىغا قازاقىستان، ئىسپانىيە، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشقاندىن سىرت، يىغىننىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىشتىراكچىلىرىنى "خەلق گېزىتى" ، شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ئىگىلىگەن.

يەرمەنكىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، ھەر يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى باشلىنىدىغان يەرمەنكىنى خىتايلار مونوپول قىلىۋېلىپ، ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە ئىدى. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت