14 -نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

1 - سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىدە، 14 -نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق يەرمەنكىگە خىتاي ۋە ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 900 دىن ئوشۇق كارخانا ۋە 50 مىڭغا يېقىن سودا خادىملىرى قاتناشقان.

"شىنجاڭ خەۋەر تورى" نىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ھۆكۈمەت بۇ قېتىملىق سودا يەرمەنكىسىدە، نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش، يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسى، تىببىي دورىلار، توقۇمىچىلىق، يېمەك-ئىچمەك ۋە ماشىنىسازلىق قاتارلىق 10 نەچچە ساھەگە خېرىدار توپلايدىكەن.

ئۈرۈمچى سودا - تىجارەت ئۆمىكى بۇ قېتىملىق يەرمەنكە مەزگىلىدە، 139 خىل دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىقتىسادىي تېخنىكا ھەمكارلىق ۋە سودا كېلىشىمىنى تۈزۈشنى نىشانلاۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ سودا سوممىسىنىڭ 13 مىليارد يۇئەندىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر يەرمەنكە مەزگىلىدە يەنە، ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئالىي يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى، مۇئاۋىن رەئىس جاڭ چىڭلى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جاڭ دېگۇئاڭ قاتارلىقلار قاتنىشىپ سۆز قىلدى. (پەرىدە)