ئۈرۈمچى سودا يەرمەنكىسىدە 118 تۈرلۈك سودا كېلىشىمى تۈزۈلدى
2005.09.04
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 14 - نۆۋەتلىك "ئۈرۈمچى سودا يەرمەنكىسى" باشلىنىپ ھازىرغىچە بولغان مەزگىلدە، ئۈرۈمچى ئىقتىسادىي سودا يەرمەنكە گۇرۇپپىسى خىتاي ۋە چەتئەل سودا شىركەتلىرى بىلەن جەمئىي 118 تۈرلۈك كېلىشىم تۈزگەن ھەمدە توختام سوممىسى 28 مىليارد يۈئەنگە يەتكەن.
تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، چەتئەل مەبلىغى ئاساسلىقى، خىمىيە-سانائەت، كان بايلىقلىرىنى ئېچىش، يىمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، ئۆي-جاي سودىسى ۋە ئېلېكتىر قاتارلىق ساھەلەرگە سېلىنغان.
بۇنىڭدىن سىرت يەنە يەرمەنكە جەريانىدا، 2005 - يىللىق ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى پاكىستان-خىتاي ئەركىن سودا كېلىشىمىدىكى دەسلەپكى مەزگىللىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىش پىلانى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ كېلىشىم دەسلەپ خىتاي ۋە پاكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۇ يىل 4 -ئاينىڭ 5 -كۈنى ئىمزالانغان.
كېلىشىم بويىچە، كېلەر يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، ئىككى تەرەپ ئەركىن سودا رايونى رامكىسى ئىچىدە، ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى خىلدىكى مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا تامۇژنا بېجىنى تولۇق كەچۈرۈم قىلىشىنى يولغا قويۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سودا ئىشلىرىدا ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان ئېتىبار بېرىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپ كارخانىلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئەركىن سودىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمان قىلىش بەلگىلەنگەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 14 -نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
- ھېيتگاھ چوڭ بازىرىغا پاكىستان سودا كوچىسى سېلىندى
- ئۇيغۇر ئېلىدە يەر ۋە قېزىلما بايلىقلار سودا مەركىزى قۇرۇلدى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكى يېقىندا كەشمىرنى زىيارەت قىلىدۇ
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2 - چوڭ چېگرا سودا رايونى ئېچىلدى