ئۇيغۇرنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلار


2005.05.15

كانادادا ئۆتكەنكى بىر ھەپتە ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى.

ئۆز مۇخبىرىمىزنىڭ تورونتودىن خەۋەر قىلىشىچە، كانادا پارلامېنتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس يىغىن ئاچتى. يىغىنغا كانادا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى، 19 دۆلەت ئەلچىخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى قاتناشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتىكىن ئەپەندى يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا، كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

بۇنىڭدىن سىرت، يەكشەنبە كۈنى كانادادىكى تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىچكى ئاسىيا فاكۇلتىتى بىلەن كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىرلىشىپ، " خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى" تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئويۇشتۇردى. يىغىندا بىر قىسىم غەرب مۇتەخەسىسلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.