قاتناش تارماقلىرىنى ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى


2006-08-25
Share

ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق پىلانى بويىچە قاتناش تارماقلىرىنى ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئالتىنچى نۆۋەتلىك يىغىنى، 8 ‏- ئاينىڭ 24 ‏- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر يىغىنغا، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى، ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇدىريىتى، دۇنيا بانكىسى شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مىخاينىزىمىغا ئەزا سەككىز دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق جايلارنىڭ مۇتەخەسسىس ھەمدە ۋەكىللىرى قاتناشقان.

بۇ قېتىمقى يىغىندا، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى، كورلا - كۇچا تاش يولىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تۈرىگە 150 مىليون دوللار ئاجراتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن سىرت ئىئانە توپلاش ئارقىلىق يەنە، بېشكەك - تۇرغات ‏- قەشقەر تاش يولىنى تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى، يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ رايون ئەۋزەللىكىنى، تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جوڭگۇ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىساد، سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تىنچ يوسۇندا تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

سىياسىي كۈزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش، ھەر قايسى ئورگانلارنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشمەكتە، بىراق خىتاي دائىرىلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا ئالدى بىلەن، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر سىئايسىي پائالىيەتچىلىرىگە ھىچقانداق ئىمكانىيەت ھازىرلىماسلىق شەرتىگە كاپالەت بېرىشنى ئالدىنقى شەرتى قىلىپ بېكىتمەكتە.

بىر قانچە يىللار ئىلگىرى قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان دۆلەتلىرى، ئۇيغۇر مۈستەققىلچىلىرىدىن بىر قانچىسىنى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ نارازلىقلىرىغا قارىماي خىتاي دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدى. يېقىندا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىمۇ كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنى، خىتايغا تۇتۇپ بەردى. (قانات)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت