مەركىزى ئاسىيا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلماقچى

2007-02-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىدىكى يۇتا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتورا شەرق ۋە مەركىزى ئاسىيانىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالى تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاچماقچى. يىغىنىدا، ئوتتۇرا شەرق ۋە مەركىزى ئاسىياغا ئائىت ھەرخىل سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن.

مۇھاكىمە تېمىلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان، "ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىكى" دېگەن تېما ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك مۇھاكىمە تېمىلىرى ئىچىدە يەنە، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان، دىن ۋە سىياسەت؛ ئىسلام ۋە ئىسلامىزم؛ ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئازسانلىق مىللەتلەر؛ ھاكىم مۇتلەقلىق ۋە دېموكراتىيە؛ تېررورلۇق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە دۆلەت زوراۋانلىقى؛ تەبىي بايلىقلار ۋە توقۇنۇش؛ نېفىت، تەبىي گاز سودىسى ۋە توقۇنۇش؛ يەر شارىلىشىشنىڭ تەسىرلىرى، ئەدەبىي تەتقىقات ۋە تىل؛ مەدەنىيەت، جىنىسي ئايرىمىسى ۋە ئېتنىك تەركىپ قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان تېمىلارمۇ بار.

يىغىن، 2007 ‏- يىلى 6 ‏- سېنتەبىرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يىللىق يىغىنغا 150 پارچە ماقالە توپلاش پىلانلىنىۋىتىپتۇ. بۇ، 3 كۈنلۈك يىغىنغا يۇقىرىقى ئىككى رايوننىڭ بىرىدىن كەلگەن بىر نەپەر باش ئەلچىمۇ ماقالە ئوقۇيدىكەن. بۇ يىغىنغا يەنە، ئوتتورا شەرق ۋە مەركىزى ئاسىيا تاماقلىرى ۋە مۇزىكا-رەسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېچىلىك، كىتاب يەرمەنكىسى ۋە ئوتتۇرا شەرق ۋە مەركىزى ئاسىيا ھەققىدە ئىشلەنگەن يېڭى كىنو ۋە ھۆججەتلىك فىلىملەرنى كۆرۈش پائالىيىتىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. (جۈمە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت