ئۇيغۇر ئېلىدە بالىلار يىمەكلىكلىرى بىخەتەر ئەمەس
2006.03.01
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت ئىدارىسى يېقىندا ئىستىمالچىلارغا، ئاپتونوم رايوندىكى بىر قىسىم بالىلار يىمەكلىكلىرىنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.
"شىنجاڭ گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر قايسى شەخسىي دۇكانلاردا سېتىلىۋاتقان بالىلار يىمەكلىكلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆلچەمگە توشمايدىكەن ھەتتا ئۇنىڭدا ساغلاملىققا ئېغىر زىيىنى بولغان خىمىيىلىك تەركىپلەرمۇ بار ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بەزى ئورۇنلار شەخسىي پايدىنى كۆزلەپ، ئۆز ئالدىغا يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىپ، يىمەكلىكلەرنى پۇراقلىق ۋە چۇرۇس قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن خىمىيىۋى تەركىپلەرنى قوشۇۋىتىدىكەن ھەمدە بەزى قورۇپ پىشۇرىدىغان يىمەكلىكلەرنى ناھايىتى ناچار سۈپەتلىك پاسكىنا مايلاردا ئېتىدىكەن.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ھازىر مۇشۇنداق بالىلار يىمەكلىكلىرىنىڭ بىخەتەر بولماسلىقى سەۋەبىدىن، نۇرغۇن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرى ئارىسىدا ھەر خىل ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىكەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ئاياق كىيىملەردە زەھەرلىك خىمىيىۋى ماددىلارنىڭ بولۇشى مۇمكىن
- خىتاي شىركەتلىرى ئادەم تېرىسىدىن گرىم بۇيۇملىرى ياسىماقتا
- خىتاي ئەتكەس ماللىرى "تۈرك مېلى" نامىدا ياۋروپاغا سېتىلىشقا باشلانغان
- خىتاي ھۆكۈمىتى ساختا سۈت پارىشوگى ۋەقەسىگە چىتىشلىق ئەمەلدارلارنى جازالىماقچى
- نىگېرىيىدە ئېچىلغان خىتاي دۇكانلىرىدىن 190 ى تاقىۋېتىلدى